قالپاق ئاي

2015-03-18 08:00:06 -0400
دۇم تاراقتاق،دۇم تاقتاق... دۇمباق چىلىپ ئىشىك ئۇرىدىغان دوستۇم ئالىيەنىڭ پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىشىك ئۇرۇش ئۇسلۇبىنى ھىچكىم دورىيالماسمىكىن دەيمەن،بېشىمىدىكى مازغاپنى بىر تەرەپ قىلمايلا ئىشككە يۈگۈردۈم،ئاڭغىچە كۆزلىرىمگە ئاچچىق سۇلىرى كىرىپ ئۇنىڭ چىرايىنى تۈززۈك كۆرەلمىدىم.
ـۋوججون،نىمدا تەستە ئاچىدىغاندۇ دىسەم،بىشىڭنى يۇۋاتامتىڭ،بولدى مېنى كۆرۈپ يىغلىمىساڭمۇ بولىدۇ،
يۇنداڭنى ئېقىتىپ قولامغاـدېدى ئۇئىشىكتىن كىرىپلا.
ـ توختاپ تۇر دىگەننى ئاڭلىمىدىڭما ،نەچچە قېتىم ۋاقىردىم،كۆزلىرىمگە كىرىپ كەتتى،سېنىمۇ ئوڭشاپ
كۆرەلمەيۋاتىمەن.
ـ بەك مۇڭلۇنۇپ چېلىپ دۇمبىقىمنى،ئاڭلىماپتىمەن،مېنى كۆرمىساڭمۇ بولىدۇ،ھىچيەرىم ئۆزگەرمىدى،بولا ،
ئاغزىڭغىمۇ كىرىپ كەتمىسۇن چاققان يۇيۋەت.
مەن بېشىمنى قۇرغىتىۋاتقاندا ئۇ بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى.
ـماڭا گەپقىلىۋاتامسەن؟
ـبۇ ئۆيدە ساڭا گەپ قىلماي كىمگە گەپ قىلىمەن،ۋاي بۇ سىلەرنىڭ
مەھەللىدىكى ئامانلىق ساقلايدىغان ئاياللارنىڭ قوشۇنىغا ئوتتۇرا ياشتىكىلەرمۇ قوشۇلدىمۇ نېمە؟
ـ ھە،ئۇلار دىگەن ئانىلىرىنىڭ ۋارىسلىرى،تېخى نەۋلىرىمۇ يېتىشىپ
چىقىۋاتىدۇ دېگىنە.
ھەر قېتىم كەلسەم بىر ئايال بار دېگىنە،كىرسەم بىر قارايدۇ،چىقسام بىر
قارايدۇ،يانۋارىياغا ئوخشايدىغان...
ـ يانۋارىيا؟كونتا كېنتىدىكىما؟
ـ فىلىمدىن چەتنەپ كەتتىڭ ئېدىش،ئىزورادىكى...
ـ ھە نىڭ بولدى شۇنىڭ بىلەن.
ـ شۇندا بىر خوشام كەتتىكىن،كىرسەم شۇندا سەت قارايدۇ،ئۈستى بىشىمدىن باشلاپ سىنچىلاپ قاراپ كەتتى دېگىنە،ئۇندا قاراۋەرسىمۇ ئادەم ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىكەن...دەرۋازاڭنىڭ سىرتىدىكى بىر توپ ماندىڭگو جەڭچىلىرىنىڭ ئالدىدىن ئاران ئۆتكەنتىم،دەرۋازىدىن كىرىشىمگىلا ئۇججۇن،يىللاپ كۆپىيىۋاتامدۇ بۇلا...ئوتتۇرا ياشلىقلار
كۆپىيىپ كېتىپتۇ،قىسقا كۆينەك كىيىۋاپتىكەنمەن، يامان قاراپ خاپا سالدى مېنى.
ـھى ھى ھى ئۇلارنىڭ بارىمۇ ياخشى،ئىدارىمىز پۇل بەرمەيدۇ،يا بىزدىن پۇل ئالمايدۇ،ئۆتكەن كەچكەننى كاللىسا
ئاپتۇماتىك تىزىملاپ تۇرىدۇ،شۇڭا بەزىدە ئۆيدە ئادەم بار يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شۇلاردىن سوراپ
باقىمەن دېگىنە،نەچچە موچىنىممۇ تېجىلىپمۇ قالىدۇ.
ئالىيە بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماققا تۇتۇش قىلدىم،ئەمدى سىلەرگە ئالىيەنىڭ ئاغزىدىكى ماندىڭگو جەڭچىلىرىنى
بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
مەن مەركەزنىڭ شېكەر قومۇچ دېھقانچىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ،كومىلاچ قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئائىلە
تاۋاباتلىرىنىڭ بىرى.
شېكەر قومۇچ ئىدارىسى ئەينى يىللىرى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئون ئالتەشەھەردىن ئەكەپتىكەن،بىر نەچچە يەرلىك ئائىلىكلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ مەركەزگە كەلگىنىگىمۇ 30يىلدىن ئېشىپمۇ قاپتۇ،مەھەللىمىزدىكىلەر، دىن ۋە پەننى جەھەتتە ئۆزلىگىدىن كامالەتكە يەتكەن،شۇڭا ئۇلاردىن گەپ تالىشىش مۇمكىن ئەمەس،بىزنىڭ مەھەللە
كوممۇنىزىم دەۋرىگە بالدۇر قەدەم قويۇپ كەتكەچكە،مەھەللىنى مۇنتىزىم قوغدايدىغان ئامانلىق قوغداش
ساقچىلىرى يوق،يوق دىسەممۇ بولمايدۇ،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىز تېخى ئىپتىدائى جەمىيەتتە بولساق كېرەك،
دەرۋازىنىڭ ئالدىدا كىچىك بوتكىدىن بىرى بار ئىدى،ئىچىدە نۆۋەتلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئاياللار بار ئىدى،
نېمە؟ئاياللار قانداق ئامانلىق ساقلايدۇ دەمسىز؟ياق..
بىزنىڭ بۇ ئاياللار جىن ئالۋاستىلارغا تېتىيدىغان ئاياللار تۇرسا ئۇنچىكى ئوغرى يانچۇقچىلارغا تېتىيالماي قالامدۇ ؟
ئوق دورا تۈگىسە سۆزلەپ ئۆتۈرۈپ قويىدۇ،كېلىماتىرىيە دەۋرىگە يېتىپ بارغان بۇ ئاياللار كۈندە سۆرىشىپ
تۈكۈرشۇپ،ئەرلىرىنى سۆرەپ چىقىپ يۈزلىشىدىغان تەيپىڭ تىيەنگو قوشۇنى تۇرسا ،نەچچە ئوغرى يانچۇقچىلارنى
بىر دەمدىلايەر بىلەن يەكسەن قىلىۋىتىدۇ دە،بۇنداق ئىچىكى ئۇرۇشلار مەھەللىدە،ھەتتا زاۋۇتتا كۆپەيگەنسرى،ئىدارە باشلىقى بۇ كىچىك بوتكىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەھتىد بولىۋاتقانلىنى بىلىپ غەيۋەت شىكايەتنىڭ ئۇۋىسى بولغان
بوتكىنى شەندۇڭ لەنشىياڭ توپا قېزىش ماشىنىسى بىلەنلا كۆزدىن بىتچىت قىلدى.
بىر مەزگىلدىن كېيىن مەھەللىدىكى ئاياللار چوڭ كىچىك دىمەي مېھرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەكىل جەھەتتە ‹مېھىر چېيى›ئەمما تۈپ ئۆزىدىن غەيۋەت سورىنى ھازىرلىغان ئىدى،شۇ ۋاقىتلاردا مەن تېخى باشلانغۇچ
ئوقىۋاتقان يىللىرىم ،ئاخشام بولغان چاينىڭ گېپىنى بالىلىرى ئەتىكى مەكتەپكە ماڭغان يولدا بىر بىرىگە
دېيىشەتتى.
‹ئاداش،ئاپام تۈنۈگۈن پۇستانى ئاپاشنىڭ ئەتكەن تامىقى كالىنىڭ ھەلىپىدەك،قىلغان شورپىسى كالىنىڭ شالىدەك دىدى،مېنىڭ ئاپامنىڭ شورپىسى بەك ئوخشايدۇ ،ئاپام تېخى،شۇنداق لاۋزا تاماق ئېتىدىغان خوتۇننىمۇ خوتۇن قىلىپ يۈرىدىغان ئادەملەرمۇ باركەن دىدى›دىسە يەنە بىرى‹ئاپام تۈنۈگۈن پۇستانى ئاپاشنىڭ ئاپىسى بۇرۇن موڭغۇلكەنتۇق،پالانچى ئايالنىڭ ئېرى پۈكۈنى مەلىدىكى بىرىگە قاش پاش ئېتىپتۇدەك،تۇتۇۋاپتىمىش دېدى›
بۇنداق گەپلەر بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھەر بىرىنىڭ قۇلىقىغا تاراپ بىر مەزگىلدىن كېيىن بىر بىرىنىڭ
چېچىدىن سۆرىشىپ،ياكى تېشىدا ئولتۇرۇشۇپ بىر بىرىگە ياپتا گەپ قىلىشىپ ئاخىرىدا ‹مېنى ئاخلا،مېنى
ئاخلىمامسەن›دەپ كارەكلىشىش بىلەن داۋام قىلاتتى.
مىھىر چىيىنىڭ ئاخىرى بىزنى كومۇنىزىم دەۋرىگە باشلاپ كىرىپ مەھەللىمىزنى بىر توپ ئىشتىن پىنسىيەگە
چىققان چوڭ ئەر ئاياللار،ئەرلىرى تېشىدا ئاياللىرى ئىچىدە ،چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن،شامدىن كېيىن،ھەتتا ياز
كۈنلىرى تاس قالاتتى خۇپتەنگىچە قوغداپ كەتكىلى.
كىم ئۆيىدا بار،كىمنىڭ ئۆيىگە كىم كىرىپ كېتىۋاتىدۇ،كىم قانچە قېتىم كەلدى،كىم نەگە ماڭدى،ۋە قانداق كىيىم كىيدى،بۇلارنىڭ كاللىسدا ئاپتۇماتىك ھالدا ساقلىنىپ قالاتتى،ئاياللىرى ئېسىدە تۇتالمىغاننى ئۆيگە
قايتقاندا ئەرلىرى بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ يەنىمۇ بىر قەدەر
تولۇقلىۋالاتتى.ئاپاملار ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە بىزنىڭ ئۆيدە نىمىش بولغانلىقىنى ئۇلاردىن بىلىپ بولاتتى،
قىزىنىڭ پۇكۇنى بىلەن چىقىپ كەتتى،ياكى پۇستانى ئۆيڭىزگە كىرىپ كەتتى،ئەگەر يېنىدا سائەت بولمىسا
ئاسمانغا قاراپ،چىقڭقى چۈشتە كىرىپ كەتكەن،كۈن 30گىرادۇس ئېۋۇ ئەخلەتخانىغا چۈشكەندە چىقىپ كەتتى
دەپ ئەستايىدىللىق بىلەن دەپ ئېيتىپ بولاتتى.
تاماق يەۋەتقاچ ئۈندىدارچەمبىرىدىكى ئاجايىپ غارايىپ ئىشلارنى كۆرگەچ ئولتۇردۇق.
ـ. ئېدېش...ھېلىقى مەلەڭدىكى سالامەت دىگەن قىز بالىغا بىرىنى تونۇشتۇرۇپتىكەنسەن،قاندا بوپكەتتى؟قايسى
كۈنى كۆرگەنتىم ئۇنى.
ـۋاي ئۇ توغرۇلۇق گەپ قىلما،دەككەمنى بېرىپ ،مېنىڭمۇ بۇرنۇمغا سۇ كىرمەيدۇ .
ـ ھە ،شۇ گەپتىن كيىنلا بۇ خەۋەرلەرنى دىمىگەنتىڭ،قاندا بوپ كەتتى،بىر دوستۇم بار ئىدى،يامان بىشىمنى
ئاغرىتىپ،شۇنىڭغا تېخى تونۇشتۇراي دەپتىكەنمەن.
ـ سالامەتنى تېخى ئالدىدىكى ئۈچ ئاچىسىدەك داڭقان پۇتى گەپ قىلمايدىغان ئۆزىنى خېلى تۇتىۋالغان قىز
بالىمىكىن دەپتىكەنمەن دېگىنە، بەش قول ئوخشاش بولماس دەپ خېلى ئەخلاقلىق يۈرسە،ئاچىلىرى
سىڭلىمغا بىرەسىنى تاپساڭ بولاتتى ئاداش دېسە ماقۇل دەپ بىر دوستۇمنىڭ يېقىن ئاغىنىسىنى تېپىپتىمەن دېگىنە،ئائىلىسى ئوبدان ،ئۆزى يۇۋاش بالىكەن،دوستۇممۇ ،ئۆزى تۇنجى قېتىم يالغۇز چىقىشتىن خىجىل بولىدىكەن،
سەنمۇ چىققىن تۆتىمىز پاراڭ پاراڭ چىقىشىپ قالسا ،دىسە ماقۇل دەپ بىللە چىقتۇق قارا،كىرىپلا ئۇ بالىنىڭ تەققە
تۇرقىغا قاراپلا چىرايى ئۆڭۈپ تاتىرىپ تاكى بىر تاماقنى يەپ بولغۇچە تامغاقاراپ نوم ئوقۇپ بىزگە دۈمبىسىنى
قىلىپ تېلفون ئويناپ ئولتادى ـدىدىم مەن بىر چىنە چاينى كۈچەپ ئوتلاپ.
ـۋىي توۋا....ھە،شۇنىڭ بىلەنچۇ؟
ـشۇنىڭ بىلەن قاندا بولىتى،ئۈچىمىز پاراڭلىشىپ ئولتادۇق،ئاندىن ئۇ ئىككىسى تاماق پۇلىنى تۆلەيمىز دەپ
چىقىپ كەتكەنتى،بىر دەمدىلا سالامەتمۇ يوقاپ كەتتى،تېلفون ئۇرسام تېلفونى بىر دەمدىلا ئېتىق،ئۇچۇر يوللاپتۇ،
‹ئەلۋىدا›دەپلا...
ـ ياش ئەمەسما،كاللىسىدىن ئۆتمىگەن چېغى،ئۆزىنى ئېتىۋاپتىما؟
ـۋاي نەرى ياش،كىرەي دىدى ئۇمۇ ئوتتۇزغا،مەندىن بىر ئىككى ياش كىچىك شۇ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتەدى دېگىنە.
ـ شۇندا روھى چىقىپ كەتكۈدەك سەت بالىمىكەن ئۇ.
ـ بويلىرى ئېگىز،بوپ قالدىغان پاكىز چىراي بالىكەن،بۇ كورىيەنىڭ فىلىملىرىنى كۆپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ،شۇڭا
خيالى دۇنيادا شۇندا ئاق ئاتلىق شاخزادىسى گۈللەرنى كۆتىرەپ ئۇچراپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ يۈگەن چېغى.
ـ شۇ،شۇڭا مەن دايىم ئىنسانلارغا ،ھەرگىز كېرىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ فىلىمىنى كۆرمەڭلار،ھە كۆرمەڭلار،بولسا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېزىنىڭ ئېچىنىشلىق فىلىملىرىنى كۆرۈپ بەرسەڭلارھاياتقا بولغان باشقىچە
قارىشىڭلار پەيدا بولىدۇ،ئۇ چاغدا جىنسى ئەر بولسىلا ھەرگىز تاللىمايدىغان بوپ كېتىسىلەر دەپ كۆپ
ئيېتىمەن ـدېدى ئۇ ئۇ بۇ قورىمىلاردىن ئالغاچ.
ـۋاي كېيىن ئاداش،مەن شۇ گۈل كۆتۈرگەن ئاق ئاتلىق شاخزادىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن ،ئاق چاشقىنىنى بار ئاق خالاتلىق بالىنى تونۇشتۇرسام...
ـ چاشقان باقىدىكەن،ئېشەك بوسىمۇ باقىدىغىنى يوقمۇ دەپ سورىدىما؟ـدىدى ئالىيە گېپىمنى بۆلۈپ.
ـ ياق،سەن ئۆزەڭگە دوختۇرنى تېپىپ نېمىشقا ماڭا چاشقان باقىدىغاننى تاپىسەن دەيدۇ؟ۋاي ئۇ چاشقاننى
تەجرىبە قىلىدۇ،ئۇنۋانى يۇقىرى،ئۇمۇ تىببى ئۇنۋىرسىتىتلارنى پۈتتۈرگەن،كوچىدىن كىرىپلا چاشقان
بېقىۋالىدىغان ئىش يوق دىسەم،گېپىمگە قەتتى كىرمەي،بىر مۇنچە دەككەمنى بېرىپ ،نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا،
مەھەللىدىكى كىچىك قىزلارمۇ ئەرگە تېگىپ كەتتى،بىرەر ياخشى بالا يوقمۇ دەيدۇ.
ـ نىڭ دېدىڭ؟دېنىزدۋور باقىدىغاننى تېپ بېرەي دىدىڭما؟
ـ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاننانغا ئۈندىداردا گەپ قىلىپ باقاي،كازافىنىڭ نەۋرە
تۇققانلىرىنىڭ شاخزادىلىرى بوپ قالسا ساڭا چوقۇم خەۋەر قىلىمەن دىدىم.
«Newer      Older»

----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2015-03-22 12:28:
بەت ئۇسلۇبىنى قەيەردىن تەڭشەيمىز كۈرسۈتۈپ قۇيۇڭلا تەڭشەيدىغان ئورۇننى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلماقچى ئىدىم ياردەم قىلىڭلا ئېزىزجان
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N