يەشكەندە ئادەمنىڭ مەناسىنى مەن: شېئېر

2015-03-25 12:04:43 -0400
نۇرغۇن ئادەملەر شائىرانە ھېس-تۇيغۇلارغا باي بولسىم، قەلىمى ئۇنچىۋىلا كۈچلۈك بولماي قالىدۇ. نۇرغۇن لېرىك خىياللارنى قىلىدىيۇ. ئەمما، ھەممىسى قەبلىدە خىيال پېتى قالىدۇ. لېرىك تۇيغۇلارنىڭ پەيدا بۇلىشى بىر باشلىنىش بولسا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ لىرىك قەلەم كىتىدۇ. ئۆزىمىز دىيەلمەيۋاتقان قەلب پىچىرلىرىمىزنى بۇيەردىن ئاڭلايلى


يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن،
سۈڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بۇپتىكەن.
نە ساۋاپ، نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا،
گۇناھىم ھەقدارغا يىتىپ بۇپتىكەن.

دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە،
ئۇ مىنى ياتلارغا سېتىپ بۇپتىكەن.
كۆزلىرىم كورئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن،
غەپلەتتە باھارىم كىتىپ بۇپتىكەن.

مەن نادان، نادان مەن يىللار ئالدىدا،
نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بۇپتىكەن.
ھۇشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم. ئەمما،
كۈن مىنى ساقلىماي پېتىپ بۇپتىكەن.

ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قۇلۇم سۇنغاندا،
يەتمىدى بەك يىراق كىتىپ بۇپتىكەن.
سىرلىرىم بارمىكىن دەپتىمەن ئەسلى،
سىرىمنى رەقىپلەر ئېچىپ بۇپتىكەن.

مەس ئىكەن يۈرەگىم دەرت-پۇشايماندىن،
قەدەھلەر تولدۇرۇپ ئىچىپ بۇپتىكەن.
تىلەيمەن بىرتىلەك ھەمدۇ- سانادىن،
ئۇ ماڭا كۈچ-قۇۋەت بەرسە بۇپتىكەن.

شۇم بۇيا تىكەنزار بولسىمۇ ئىزىم،
سايلارغا بىر كۆچەت تىكسەم بۇپتىكەن.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N