ئىشەك ئىزدەش ئىلانى

2015-03-25 13:08:45 -0400
مەركىزىي خەلق رادىئو  ئىستانسىسى % ]% N$ Z! T4 U9 K# z2 ~7 @9 c' ?
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار. ھازىر مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ يېقىندىن يىراققىچە،  ئامېركىدىن ئىراققىچە بولغان ئاڭلىتىشنى باشلايمىز . ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى  ۋە كونكىرىت قويۇلۇش ۋاقتىدىن چۈشەنچە بېرىمىز.
+ p0 p: s9 [' u: R
سائەت  16:00 دە  كۇچانىڭ  سوپۇنى  ياخشى، دادامنىڭ خۇتۇنى  ياخشى، ناملىق مۇزىكا بىلەن بۇ قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزنى سۆزلەپ تۇرۇپ باشلايمىز.

سائەت 16:50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپتونوم رايونلۇق سىمىنۇت زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان «دىبا» ماركىلىق يۈز سوپۇنى بارلىق خانىم قىزلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ناملىق ئوبزور .

16.30 مىنۇت ئۆتكەندە مۇزىكا ئاڭلىتىش، بۇنىڭدا:
ئاي كۆرىندى ئاسماندا،
مانتا پىشتى قاسقاندا  .* T& O- W9 F9 N3 }7 K  I
ئۆگەي ئانام ئۆز ئانام،/ x( e6 B$ g& k, I; d
بۆشۈكتە باردۇر بوۋاق بالام.
چۆپ يېمەيدۇ موزاي كالام ...  قاتارلىق ناخشا مۇزىكىلار.
0 H  x' p. f* u6 F8 F0 v
سائەت 17:00 دە «تۇرمۇش ئۇنۋېرسال پىروگراممىسى»، بۇنىڭدا  : قۇياشقا قاش ئاتقاننىڭ نېمە پايدىسى، قوناق ئۇنىدا لەغمەن يېسىڭىز ئاشقازانغا پايدىلىق، سۇنى يۇيۇپ ئىشلىتىڭ ، ئۇخلىغاندا كۆزىڭىزنى يۇمۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! ھاراق ئىچىپ توي قىلسىڭىز بالىڭىز مەست تۇغۇلىدۇ  قاتارلىق دۇرىلىق خەۋەرلەر. 4 u+ T7 W9 U& x

17:30 مىنۇت ئۆتكەندە «تەلەپ ۋە تەقدىم»، بۇنىڭدا: تەلەپكارلىرىمىزنىڭ تەلىپىگە بىنائەن «ئۈچ پەدە» ناملىق ئاتۇش خەلق ناخشىسى ئاڭلىتىلىدۇ. بۇ ناخشىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
ئاتۇشنىڭ يولى يامان،
توشۇيدۇ ئوتۇن سامان.
ئاڭلاڭلار خالايىقلار،  6 o; P9 F. R. S0 u/ @) A
دادامدىن ئانام يامان . # B! V7 [  |& |1 I7 M7 [
  W/ I% W; T; w3 j
سائەت 18:00 دە ئاپتونوم رايونلۇق رەخت توپ تارقىتىش بازىرنىڭ ئېلانىنى ئاڭلىتىمىز :- [( j) I0 d: d, k+ w! V
-بازىرىمىز يېقىندا بىرتۈركۈم پالدۇر-پۇلدۇر رەختلەرنى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ رەختلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق ماركىسى تۆۋەندىكىچە:
رەختلىرىمىزنىڭ ماركىسى: «ئېپبە-ئېپبە ئەپبەرمىسەڭ خېتىمنى بەر»، «ئەپبەرمىسەڭ ئۆلىۋالىمەن»، «ئەپبەرمىسەڭ ئەپبىرىدىغان يىگىتلەرگە تېگىۋالىمەن» قاتارلىق رەختلەر بولۇپ، بۇ ئېلاننى ئاڭلىغان خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تالىشىپ سېتىۋېلىشىنى، يولدىشى، مۇھەببەتلىرىنىڭ ياقىلىرىغا ئېسىلىپ ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . $ o+ q) L# q5 I) r
1 T( m; [" d/ s) S3 C6 s9 x" g/ F7 A# v
سائەت 18:30 مىنۇت ئۆتكەندە ھاۋا رايىدىن مەلۇمات.  بۇنىڭدا سىبىريەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى دىيارىمىز ئاسمىنىغا  شىددەت بىلەن تىك ئۇچاردا ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كېچە دىيارىمىز ئاسمىنىدىن قېتىق ئارىلاش قار ياغىدۇ، ئەتە ئەتىگەندە قۇياش ھىڭگىيىپ چىقىپ بۇ  سوغۇق ھاۋا ئېقىمى  قەشقەر تەرەپكە ئىغاڭلاپ كىرىپ كېتىدۇ. سېمىز سىلسىيە گىرادۇس 4 گىرادۇس، ئورۇق سىلسىيە گىرادۇس 0.2 گىرادۇس بولىدۇ. 1 Y: s  I* i8 {  s5 `( u$ u# b

سائەت 19:00 دا «ياشانغانلار ئۇنۋېرسال پىروگراممىسى»، بۇنىڭدا:  100 ياشلىق سادىر بوۋاي 80 ياشلىق نارسىدە قىز تاجىگۈلگە توي تەكلىپى قويدى ناملىق تەپسىلىي خەۋەر. ! j6 `. O3 M* f2 F" J0 Y
4 c6 B. w" q7 V& k% b
سائەت 19:30 دا  «ھوزۇرلىنىڭ» سەھىپىسى بويىچە ناخشا ئاڭلىتىش، بۇنىڭدا:
ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە ساپاغا يۆلەنگەنمۇ؟   V, }0 z* n6 D1 U& k8 |, o
ئۆزلىرى بەك شوخكەنلا شەيتاندىن تۆرەلگەنمۇ؟
ناملىق ناخشا ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ .
- M3 r. [" H' g  C; H6 ]
سائەت 20:00 دا ئېلان ئاڭلىتىش.  بۇنىڭدا: «ئېشەك ئىزدەش ئىلانى» ئاڭلىتىمىز :
قەشقەر ۋىلايەت قاغىلىق ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمىتاخۇن بوۋاينىڭ ئېشىكى ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ،  بۇ ئېشەك بۇ يىل 26 ياش. نېرۋىسى ئاجىز. بۇنداق ئېشەكنى ئۇچراتقۇچىلارنىڭ مەمىتاخۇن بوۋايغا خەۋەر قىلىپ  قويىشىنى سورايمىز.  
ئالاھىدە ئەسكەرتىش  : بۇ ئېشەكنىڭ ئۇچىسىدا قارا رەڭلىك يۇڭلۇق چاپان، بېشىدا  قارا رەڭلىق قۇلاقچىلىق تۇماق، پۇتىدا تاقا ماركىلىق ئېگىز پاشنىلىق چۇخەي بار. ئېشەكنى تېپىۋېلىپ مەمىتاخۇن بوۋايغا تاپشۇرۇپ بەرگۈچىلەرگە، «خويەنجا» ماركىلىق سۈت پاراشوگى ، «ئاڭلىق ئەر» ماركىلىق كىر ئالغۇ، «سايىماخۇن» ماركىلىق سۈپۈرگە سۆيۈنچە قىلىنىدۇ.
مەمىتاخۇن بوۋاينىڭ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى : ياۋسەنبا چ چ چ ئېشەك ئىزدەڭ كېچىچى.
% b5 ^6 z8 f0 S% M, Y0 f9 e
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىز تۆگەيدۇ، ئاڭلىغۇچىلار مۈگىدەيدۇ. خەير، خۇش ۋاق بولغايسىلەر، قېرىپ ئۇششاق بولغايسىلەر., ]+ ]" B5 X% O2 k. m( W% t7 u
ئېزېزجان ئولتۇرۇپ ئاڭلاتتى ./
«Newer      Older»

----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2015-03-25 20:43:
بۇرادەر بامۇ سىلە
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N