نورغۇن ئىشلار ئۆتۈپ كەتكۈدەك

2015-03-24 12:20:24 -0400
بىردەم ئولتۇرايلى ھارغان بولساق
بىر بىرىمىزگە يۆلىنىپ
ھېچنىمە دىيشمەيلى
كۆزلىرمىزگە قارىشىپ
تۈنۈگۈن كەلگەن  باھارنى
بۇنچە تىز ئۇزىماس دىدىم
قولۇڭاىكى قىزىل گۈلنى تېخى پۇراپ قانماستا
توزىماس دىدىم
نۇرغۇن ئىشلار ئۈتۈپ كەتتى
شاماللار سانسىز قېتىم كىلىپ كەتتى
ئۇنتايلى دىدۇق ھەممە نەرسىنى
خۇددى سەن ئېيتقاندەك
پىچاق سۆڭەككە يەتتى
ئىھ شۇ ئۈتۈپ كەتكەن نۇرغۇن ئىشلار
سېنىڭ ئىخىتىيارىڭ ئەمەس ئىدى
ياكى مېنىڭ ئىختىيارىم
يېرىم پىيالە تولىدۇ قاچان
يېرىم كۆڭۈل تولىدۇ قاچان
تولمىغان ھەم تولماس ھېچقاچان
ئۆتۈپ كەتكەن نۇرغۇن ئىشلارردەك
سەنمۇ ئۆتۈپ كېتەرسەن يېىنمدىن
ئارىمىزدا ھېچ ئىش بولمىغاندەك
مەن يەنە ئويلاپ قالارمەنمۇ
دوقمۇشتا سېنى ساقلغىاندەك
ئۈتۈپ كەتسە بولاتتىبۇ كۈنلەر
نۇرغۇن ئىشلار ئۈتۈپ كەتكەندەك
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N