سىنى سۆيىمەن خەيرى خوش

2015-03-24 12:29:41 -0400
پەيدا بولدۇڭ بەكمۇ تۇيۇقسىز،
ئۇچرىغاندەك ماڭا تۆت قۇلاق.
بىھۇش بولدى شۇئان يۈرىكىم،
توختىغاندەك ئېقىشتىن بۇلاق.


ئەسىر بولدى كۆزلىرىم گۇيا،
قامىتىڭگە بۇيرۇقسىز شۇئان.
سىزەلمەسمەن ئۆزۈمنى-ئۆزۈم.
سېنى كۆرگەن شۇ كۈندىن بۇيان.


خۇددى ئوقيا ئاھ كىرپىكلىرىڭ،
دىمەيلا قوي گەپ-سۆزلىرىڭنى.
ئۇنتالمىدىم  ئوۋلىغان مىنى،
بۇلاق كەبى شۇ كۆزلىرىڭنى.

سۈرۈشتۈردۈم سېنى دوستۇڭدىن،
سۆيگۈ غالىب كىلىپ ھايادىن.
ئايالى بار،  دىگەندە ياندىم،
يار بولسىكەن دىگەن تامادىن.

يەتمىگەندەك ھىجران دەرىتلىرى،
خىجىللىقتا ئۆلدۈم نەچچە رەت،
كۈيۈپسەنغۇ يايرى بارغا دەپ،
ئاھ كۈڭۈلگە قىلدىم كۆپ مىننەت.

يۈرىكىمدىن ئاقتى كۆز يېشىم،
تۇمۇرۇممۇ سۇقار ئەجەپ بوش.
يۇشۇرۇنلا سۆيەي بىر ئۆمۈر،
يىراق كىتەي جېنىم، خەيېر-خوش!
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N