خوش ئاكا

2015-03-24 12:35:07 -0400
خوش ئاكا

ياپراقلار تىترىدى يىنىك شىلدىرلاپ،
تىترىدى ئاپامنىڭ مۇكچەيگەن تېنى.
ئارقاڭغا قارىدىڭ قول پۇلاڭلىتىپ،
مەڭزىڭگە ئىز سالدى ئايرىلىش يېشى.

خوش ئاكا غېرىپلىق  قوغلانسۇن چۆلگە،
مۇھەببەت دەرياسى ئاقسۇن شاۋقۇنلاپ.
ھالىنى سوراپ تۇر ئەتە يۇ ئاخشام،
بالام دەپ پىغاندا يۈرمىسۇن يىغلاپ.

ياپراقلار تىترىدى كەتتى تۆكۈلۈپ،
تۆكۈلۈپ تۈراتتى ئاپامنىڭ يېشى.
خوش ئاكا ئارقاڭغا قارىما ئەمدى،
خوش ئاكا چېچەكلەت سېغىنىشىڭنى.

بىلىسەن بىركۈنى كېتىدۇ ھەممە،
كېتىدۇ ئاپامنىڭ سارغايماس مېھرى.
خوش ئاكا ئاپامنىڭ ئورنىدا بىللە،
ئۇزىتاي چوڭ يولغا چىققۇچە سېنى.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N