? كىملىكىمنى سورىما مەندىن

2015-03-24 12:42:06 -0400
كىملىكڭنى سورىما مەندىن

كەتتىڭ يىراق ئەركىن ئۇچقان قۇش مىسال،
يۈتتى ھەممە پەرۋازىڭنىڭ ئەۋجىدە.
ئەمدى مەندىن كىملىكىڭنى سورىما،
قايتتى كۆڭۈل تۇنۇشمىغان پەسلىگە.

گۇگۇم يەڭگىل سىپاپ ئۆتەر يۈزۈمنى،
شوغ شامالدا يەلپۈنىدۇ يۈپۈرماق.
قېنى كۆكتە چاراقلىغان يۇلتۇزلار،
قېنى جانان كۆزقىسىشى بەك ئوماق.

ئەمدى مەندىن كىملىكىڭنى سورىما،
تۇزۇپ بولدى بىزئۆستۈرگەن گۈللەرمۇ.
ئۇچۇپ ئۆتتى تېخى ھېلى ئۈستۈمدىن،
كۈيىمىزدە ئۇچۇم بولغان قۇشلارمۇ.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N