سىزگە ئۆچ بولدۇم

2015-03-24 12:43:46 -0400
سىزگە ئۆچ بولدۇم

خىياللىرىمدىن قوغلىۋىتەلمىدىم،
قەلبىمنى كۆرمىگەن كۆزلىرىڭىزنى.
ئاڭلىماسقا سالالمىدىم،ئۇنتالمىدىم،
مېنى ئۆلتۈرگەن سۆزلىرىڭىزنى.
بىلسىڭىز شۇنداق دەرىتلەرگە تولدۇم،
سىزگە ئۆچ بولدۇم.سىزگە ئۆچ بولدۇم.

پىچىرلاشلارنى ئۇنتۇپسىز تامام،
شۇنداق نەرسىمۇ ئەسلى مۇھەببەت.
كەچتىڭىز بىرلا سۆز بىلەن ئاسان،
كىمگە ئىشىنەي،ئەمدى نىھايەت.
بىر ئىدىم توزۇپ مىڭ دانە بولدۇم،
سىىزگە ئۆچ بولدۇم،سىزگە ئۆچ بولدۇم.

ماڭارغا يولۇم سىز بولاتتىڭىز،
پۇرارغا گۈلۈم،تۇندە يۇلتۇزۇم.
مەن كۆيسەم سىزمۇ كۇل بولاتتىڭىز،
كېچەممۇ سىز،ھەم يورۇق كۇندۇزۇم.
بىشىمغا مىڭ ئوت سەۋدانى قويدۇم،
سىزگە ئۆچ بولدۇم،سىزگە ئۆچ بولدۇم.

كەتتىڭىز تامام چۇشلەرنى ئېلىپ،
مەندە قالغىنى يوقالغان ئىمكان.
كەتمدى سىزدەك ئوتلارغا سېلىپ،
كۆڭلۈمدىن ئۆتە يىرىم شۇ ئاسمان.
كىم ئىدىم،ئېيتىڭ ئەمدى كىم بولدۇم،
سىزگە ئۆچ بولدۇم،سىزگە ئۆچ بولدۇم.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N