خۇشاللىق قەلىبتىن باشلىنىدۇ

2015-03-24 12:48:41 -0400
تېلۋىزىيە ئىستانىسى ئالاھىدە سۆھبەتپپىروگراممىسىغا تۆت نەپەر ئەزىز مېھمان تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى گاچا، بىرىگاس، بىرى توكۇر، يەنە بىرى ئەما ئىكەن.
ئالدى بىلەن گاچا سەھنىگە چىقىپتۇ. رىياسەتچىئالدىن تەييارلاپ قويغان سۇئال يېزىلغان تاختىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپتۇ. تاختىغامۇنداق يېزىلغان ئىكەن: «باشقىلار ئېچىلىپ- يېيىلىپ پاراڭلىشىپ يۈرگەندە، سىز بىربۇلۇڭدا بۇيۇن قىسىپ قالىسىز، سىز بۇنىڭدىن ئازابلىنامسىز؟» « قانداقمۇئازابلانماي تۇرالايمەن؟! بەزىدە ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىكى تاشلىۋىتىلگەن بالىدەكسېزىمەن» دەپ يېزىپتۇ گاچا.
نۆۋەت گاسقا كەپتۇ. ئۇنىڭدىن سورالغان سۇئالمۇنداق ئىدى: «رادىيو ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش كىشلەرنىڭ مۇھىم كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى،لىكىن سىز ئۆمۈر بويى رادىيو ئاڭلىيالمايسىز، تېلۋۇزۇر كۆرەلمەيسىز، بۇنىڭدىنئازابلىنامسىز؟» گاس ئىنتايىن ئازابلانغان ھالدا: «ئازابلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇماڭا نىسبەتەن بىر زۇلۇم، مەن تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان ئادالەتسىزلىكدىننەپرەتلىنىمەن» دەپ يېزىپتۇ.
ئەمدى نۆۋەت توكۇر كىشىگە كەپتۇ. رىياسەتچىئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- دۇنيا رەڭدارلىققا تولغان، لىكىن سىز ھەرىكەتقىلالمايسىز، سىز بەھرىمان بولىدىغان تۇرمۇش بوشلۇقى ئىنتاين تار بۇنىڭدىنئازابلىنامسىز؟
-ئەلۋەتتە ئازابلىنىمەن، سىرىتتا ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتۇمۇبىل ۋە كىشلەرگەقارىغىنىمدا ئۇلارغا تۇلىمۇ ھەۋەس كېلىدۇ. مەنمۇ قاچان ئاشۇلاردەك ئەركىن ھەرىكەتقىلارمەن، شۇنداق بولسا قانداق ياخشى بولاتتى –ھە، دەپ ئويلاپ كېتىمەن ،- دەپتۇتوكۇر.
ئەڭ ئاخىرىدا ئەما كىشى سەھنىگە چىقىپتۇ. رىياسەتچى ئۇنىڭدىن:
- سىز ھەتتا سىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانئاتا- ئانىڭىز، بىر قۇرساقتىن تۇغۇلغان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرمىدىڭىز،بۇنىڭدىن چۇقۇم بەك ئازابلىنىسىز شۇنداقمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ئازابلىنامسىز؟ نېمىشقا ئازابلانغۇدەكمەن؟گاچىغا سېلىشتۇرغاندا، مەن ناخشا ئېيتالايمەن، گاسقا سېلىشتۇرغاندا مەن يېقىملىقمۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنالايمەن، توكۇرغا سېلىشتۇرغاندا، مەن ماڭالايمەن. شۇڭا، مەنئىزچىل ناھايتى خۇشال ياشاپ كېلىۋاتىمەن.
تاماشىبىنلار شۇئان گۈلداراش ئالقىش ساداسىياڭرىتىپتۇ.
كىشلەر دائىم ئۆزىنىڭ خۇشاللىققائېرىشەمەيۋاتقانلىقىدىن قاقشايدۇ، لېكىن خۇشاللىقنىڭ ئۆز قەلبىدە ئىكەنلىكىنىبىلمەيدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم ئاشۇ ئەماغا ئوخشاش باشقىلاردا بار نەرسىدىنئازابلانماي، كۆپرەك ئۆزىدە بار نەرسىدىن شادلانغان بولسا، چۇقۇم ئۆزىمۇ ئويلاپباقمىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشكەن بولاتتى.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N