چالا ھىكايە

2015-03-24 12:52:16 -0400
چالا ھېكايە


بىر ھېكايە سۆزلەپ تۇرار كۆزلىرىڭ،
قاراپ ئۈنسىز چېچىكىگە ھەسرەتنىڭ.
سىلكىنىدۇ نىمە ئانچە سۆزلىرىڭ،
كۆردۈڭمۇيا چىرايىنى قىسمەتنىڭ.

ساڭا قاراپ جىمىپ كەتكەن قۇشقاچنىڭ،
يەلپۇنىدۇ تىنىقىڭدا پەيلىرى.
باھار كەلدى،باھار كەلدى كۆرگىنە،
خۇشبۇي چېچىپ ئېچىلارمۇ گۈللىرىڭ.

بىر سەن ئۈچۈن يازماق بولۇپ ھېكايە،
مېڭىپ يۈردۈم يالغۇز ئاياغ يوللاردا.
سەن ماڭغان يول،سەن ئىچكەن سۇ ھەممىسى،
تاشمۇ ھۆسۈن تۈزەپ قاپتۇ باھاردا.

جەزىرىدە چېچەك ئاچقان چوغلۇقتەك،
كۆردۈم سېنى يەنە يالغۇز ،يېگانە.
ئەجەپ ئىكەن بۇدۇنيانىڭ ئىشلىرى،
پۈتمەي قويدى ئەپسۇس يېڭى ھېكايە.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N