سىغىنىش لىرىكىسى

2015-03-24 13:00:51 -0400
سېغىنىش لىرىكىسى

تىڭشىغاچ قۇشلارنىڭ ۋىچىرلىشىنى،
قارىدىم يوللارغا جىمجىت ۋە ئۇزاق.
دېرىزە ئەينىكى ياشلاپ كۆزىنى،
تۇرىدۇ ئالدىمدا يارىمغا ئوخشاپ.

سۈرتىگەچ يېشىنى يۈرىكىم بىلەن،
سىلىدىم ئاۋايلاپ سۇمبۇل چېچىنى.
يۇرۇتتۇم سېغىنىش ئوتلىرى بىلەن،
بوينىغا نۇر ئېسىپ زۇلمەت كېچىنى.

شۇندىمۇ تەنھالىق كۆيەر چاراسلاپ،
قۇچاقلاپ ئەينەكنىڭ سوغۇق تېنىنى.
كېچىلەر قوينىغا ئەينەكتىن قاراپ،
ئۇچۇردۇم يىراققا سېغىنىشىمنى.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N