ئايرىلىش ۋە يوقىتىش

2015-03-24 13:08:19 -0400
بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن تۈلىگەن بەدىلىمىزنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئەمەس. بەلكى، شۇنچىلىك بەدەل تۈلىگەندىن كېيىن قەلبىدىكى ئورنىمىزنىڭ ئۆزگۈرىشىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە كۆڭۈل بۆلىمىز! كىنولاردا  دائىم «توختىماي ياد  ئېتىشلەر ھامان جاۋاپسىز قالمايدۇ» دېيىلىدۇ، ئەمما كىنو، پەقەتلا كىنو. لېكىن، تورمۇشنىڭ بۇنداق بولىشى ناتايىن.
مەن يېقىندا بىر يىگىتتىن مۇنداق بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالادىم
   «ياخشىمۇ سىز xx
مەن  بۇرۇنقى قىز دوستۇمغا بىر پارچە كىتاپ سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلماقچى ئېدىم. لېكىن، مەن ھازىر ئۇنىڭ ئىسىمدىن باشقا ئادرېسى ۋە تېلفون نۇمۇرىنىمۇ بىلمەيمەن، مەن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چەتئەلدە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالدىغان بولۇپ قالدىم، يېقىندا ماڭماقچىمەن. بىز يېرىم يىل ئاۋۋال ئايرىلىپ كەتكەن ئىدۇق، شۇ جەرياندا ئۇ باشقا بىر يىگىت بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بوپتۇ. گەرچە بىز ئايرىلىپ كەتكەن بولساقمۇ، مەن ئۇنى ياد ئېتىپ تۇردۇم.
قارىسام سىزنىڭ يېڭى كىتابىڭىزغىمۇ ئىمزا ۋە خەت يازغىلى بولىدىكەن. شۇڭا سىزنى ماڭا ياردەم بېرەمدىكىن دىگەن ئۈمۇتتە، سىز ئۆز نامىڭىزدا تور ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالايسىز, ھەم مەلۇم  سەۋەپ تېپىپ  ئۇنىڭغا ئۆز نامىڭىز ئارقىلىق كىتابنى سوۋغا قىلالايسىز. ئەلۋەتتە، كىتاپنىڭ پۇلىنى كارتا نۇمۇرىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەن ھامان ئۇرۇپ بېرىمەن... سزنىڭ مالال كۆرمەي ماڭا ياردەم قىلىشڭىزنى سورايمەن. ئۆزۈمنىڭ سوۋغا قىلماسلىقىدىكى سەۋەپ،  مىنىڭ  ئەمدى ئۇنىڭغا كاشىلا بولغۇم يوق. شۇڭا، بۇنى قاتتىق مەخپىي تۇتسىڭز، مەن كېتىشىتىن ئىلگىرى مۇشۇ ئارزۇيۇمنى بىر ئەمەلگە ئاشۇرۋالسام دەيمەن»
بۇ خەتنى كۆرۇپ  يۈرۇگۈم ئېچىشتى، بەكمۇ تەسىىرلەندىم.
  ئۇ  قىز مىنىڭ مىكرو بلوگىمدىكى ئەگەشكۈچىلىرىمدىن ئېكەن .كۆپ ئويلانمايلا ئۇ قىزغا خەت يازدىم....
«مەن بىرسىنىڭ ھاۋالىسگە بىنائەن سىزگە بىر كىتاپ سوۋغا قىلماقچى ئىدىم ... ئۇنىڭ ماڭا يازغان خېتى مىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇردى. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم، ئۇنىڭ سىزگە كاشىلا بولغۇسى يوق ئېكەن،  مىنى بۇ ئىشنى بەك مەخپىي تۇتۇڭ دېگەن ئېدى. ئەمما، مەن سىزگە تۇرۇپلا كىتاپ سوۋغا قىلاي دىگەن دىسەم  سىز بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە غەلىتىلىك ھېس قىلىسىز. ھەتتا،  ماڭا ئادرىسىڭىزنىمۇ ئېيتىپ بەرمەسلىكىڭىزمۇمكىن... شۇڭا ئامال يوق سىزگە بۇ گەپلەرنى ئېيتتىم. ماڭا ئادرېسىڭىز ۋە تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى ئيتىپ بەرگەن بولىسڭز...مەن سىزگە كىتابنى ئەۋەتىپ بەرسەم...»
لېكىن، ھېكايە ئۇنىڭ كىتابنى قوبۇل قىلىشى بېلەن ئاخىرلاشمىدى.
ئۇ قىز ئىتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما، ئۇ يەنە: ئۇ ئۆزىمۇ مىنى ئاۋارە قىلغۇسى يوقلىقىنى ئېيتقان ئېكەن ئەمدى، ئاخىرغىچە مىنى ئاۋارە قىلمىغىنى ياخشى. سىزنىڭچىچۇ؟ دەپتۇ
مەن ئۇنىڭ قەلبىنى چۈشىنەتتىم. دېمىسىمۇ بەزى ئىشلار  ئاخىرلاشتى، بىزنىڭ ئۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلماسلىقىمىزدىكى سەۋەپ ئۇنتۇپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى،  ئۇ ئىشلار  ئۈچۈن ئارقىغا قايتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، خالاس.
مەن  ھېلىقى يىگىت ئۈچۈن خەتنى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتكەن بولدۇم. ئەمما، ئاساسىي مەزمۇن ئۆزگەرمىدى،  مەن  يىگىتكە شۇنى ئېيتماقچى «خۇشاللىقمۇ، قايغۇمۇ ھامان ئۆتۈپ كىتىدۇ»
ماڭا ‹‹دۋىر پىشۋالىرى›› دىگەن كىنودىكى مۇنۇ تەپسىلات بەكلا تەسىر قىلغان ئىدى. گۈۋەن ئېر:  «يې ئۇستاز مەن سىزگە بۇرۇن كوڭلۈم بارلىقىنى تەن ئالىمەن.
ئەمما، مەن ئەمدى سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن،بىرى-بىرىمىزگە قىلغان بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار ئۇنتۇلۇپ كەتسۇن» دىگىنىدە يېۋېن مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدا نەدىمۇ  ياخشىلىق ۋە يامانلىقلاربولسۇن، ئارىمىزدىكسى پەقەت بىر مەزگىللىك تەقدىر خالاس» دەيدۇ.
بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەپ، قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغىنىمىزغا ئەمەس. بەلكى، شۇنچىلىك قۇربانلىق بىرىپ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىمىزنىڭ قانچىلىك ئۆزگەرگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىمىز!
ئۇچرىشىشىنىڭ ئۆزى تەقدىر. بەزى ئىشلارغا بىز ئىشەنچ قىلالايمىز،  بەزىلىرنى چىڭ تۇتالايمىز، بەزىدە ئۇنداق بولمايدۇ قالىدۇ. يىگىت سىزنىڭ كۆڭلىڭزىنى ئۇ قىز قوبۇل قىپتۇ مۇشۇلا يىتەرلىك !
مىنىڭچە ئەمدى مىنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق، سزنىڭمۇ ئۇنى ئاۋارە قىلغۇڭىز يوق ئىدىغۇ ...
ئاخىرىدا مىنى ئازاپلىنارلىق بىر بەخىتنىڭ شاھىدى قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N