دىدارىڭنى قايتا كۆرگىچە

2015-03-24 13:11:04 -0400
دىدارىڭنى قايتا كۆرگىچە


ئارىدا تاغ، يوللار بەك ئۇزۇن،


شۇڭا يەتمەس"ئاھ!"لىرىم ساڭا.


تەقدىر شۇنداق پۈتۈلگەنمىدۇ؟


ۋىسال چايىن تۇتتى ھىجرانغا...



كۆزۈم ياشلىق باقسام تاڭلارغا،


ساقىپ كەتتى زۆھرەمۇ ،ھەتتەڭ!


پەرھاد كەبى تاغ ئاشار ئىدىم،   


ئەي، دىلبىرىم!                     


بىر ئىمكان بەرسەڭ؟



غازان بولغان بىچارە ياپراق،


يەنە سەرسان بولدى شامالدا.


شۇ ياپراققا ئوخشىغاچ سۆيگۈم،


ئازاپلاردىن سارغايدىم مانا.



چاچلىرىڭدەك يىيلىپ تۇرار،


سېغىنىشتا ئۆتكەن ھەر كېچە.


يۇلتۇز ساناپ ئۆتەرمەنمۇ يا،


دىدارىڭنى قايتا كۆرگىچە.



ھىلال ئاي چىققان شۇ ئاخشىمى،


قېشىڭ يادىمغا كېلەر شۇدەم.


ئون بەش كۈندە ئېيىتقان ناخشاڭنى،


يەنە چىللايدۇ غېرىپ كۆلبەم.



بىز خوشلاشقان شۇ كۈننى ئەسلەپ،


پۇشايماننىڭ تېغىدا ئۆلدۈم.


سەن بەخت تىلەيسەن،لېكىن مەن،


يالغۇزلۇققا تەسەددۇق بولدۇم.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N