قار، رىئاللىق، سەن

2015-03-24 13:14:04 -0400
قار،رىئاللىق،سەن
1
قار تاڭغا يېقىن توختىدى
ھەممە تەرەپ ئاق كىمنىڭدۇر كۆڭلىدەك
ئىشىكىم ئالدىدىن ھېچ كىشى ئۆتمىگەن چېغى
تۇنۇشلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوق
بەلكىم ئاچچىقىم كەلدى
قارلارنى دەسسەپ،قۇۋۇرغىلىرىنى سۇندۇرۇپ قانلىرىنى تۇزۇتىۋەتتىم
تۇزۇش ئىچرە ياغماقتا يامغۇر
قارلار ئۈستىگە
مېنىڭ ئۈستۈمدىن
2
سەن ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز دەك خىرامان يۈرگەنسەن
يۈرۈكىمىزنىڭ ھېلىقى قاريغققان كۈنى چېچەك ئاچقانلىقىنى ئۇنۇتقانسەن
كوچىدا كۆرگەن ئەھمىيەتسىز بىر ئىشنى ئۇنۇتقاندەك
لىكىن مەن كۆكتىن يۈرەك ياققاندەك ھېس قىلىمەن ھەرقار پەسلىدە
كۈللىي كائىنات چېچەكلىگەندەك،مېۋىلەرئەتىلا مەي باغلايدىغاندەك
ھايات باشقىچە تۈسكە كىرىدىغاندەك،بېشىم كۆككە يېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ بۇقارلار ماڭا
ئەمما ھاياتىمدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ
توڭلىغىنىمنى ھېس قىلىپ قولۇمنى ھورداپ قويۇپ ئۆيگە ماڭىمەن
قارلار
قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ماڭا خوش دىيىشكە تىلى بارمىغان بىرسىدەك ئارقامدىن قاراپ قالىدۇ
شۇچاغدا
قار،رىئاللىق ۋە سېنىڭ چەكسىز لىكىڭ ئىچرە كۈلگەئايلىنىشقا باشلايمەن
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N