پەرۋاسىزلىق

2015-03-24 13:21:51 -0400
پەرۋاسىزلىق

پەرۋاسىزلىق ھىد چاچماقتا ئىچىمدە،
دەملەپ قۇيۇپ بىر پىيالە سوغۇق چاي.
چىقىپ كەتتىم ھەسرىتىڭدىن جىممىدە،
كۆز ياشلىرم ئەمدى سېنى نە قىلاي.

پەرۋاسىزلىق كېڭەيمەكتە ئىچىمدە.
شۇنچە راھەت خىيابانلىق كوچىسى.
گازىر چاقار ئۇندا بىرى ئولتۇرۇپ،
خاتىرىدىن يۇيۇلماقتا نەچچىسى.

پەرۋاسىزلىق كۆكلىمەكتە باراقسان،
سايىسىدە ئولتۇرىمەن ئازابسىز.
ئۇ سورايدۇ مەن بولمىسام نە مەنا،
كۈلۈپ قويدۇم سۇئال قالدى جاۋاپسىز.

پەرۋاسىزلىق شۇنچە راھەت بىر تۇيغۇ،
ئىتىكىمگە تۈكۈۋالدىم جېققىدە.
ئولتۇرغانچە قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ،
بىرسىلا بار خىيالىمدا لىققىدە.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N