خوتەندە توپا ياغىدۇ

2015-03-24 13:43:31 -0400
خوتەندە توپا ياغىدۇ

لىققىدە دەردى بار تەكلىماكاننىڭ،
ھەممىنى تۆكىدۇ پەقەت خوتەنگە.
قۇياشنىڭ باغرىدا سۈكۈت كۆكلەيدۇ،
شۇ قەدەر سەۋىرچان كىلىدۇ بەندە.

چۆللەرنىڭ قەلبىدە ياتار چاڭقاقلىق،
ئەڭ ساددا تىلەكلەر بۇ يەردە قىيان.
جېنىڭغا جان بەرسە مۇزدەك ئەركەك سۇ،
ئەڭ جاھىل ئېتىقاد سورار ئىسسق قان.

خوتەننىڭ يۈرىكى چوققۇ بازاردا.
قۇلۇڭنى باس بىردەم كۆكرەكلىرىڭگە.
كۆيمەكتە بۇ يەردە دەھشەتلىك بىر ئوت،
ئەڭ ئىسسىق ھاياجان تىلەكلىرىڭدە.

بۇ يەردە ياغقىنى پەقەت بىر توپا،
ئويلانسەن شۇنچىلىك،قالمايسەن ھەيران.
ياغقاندا ئۈستىباش ياكى قەلبىڭگە،
تۇنۇشلا بىر تۇيغۇ كۈتۈرەر غەليان.

تۇيۇقسىز خاتا بوپ چىقىپ قالغاندا،
ئاخشامقى مەلۇمات ھاۋارايىنىڭ.
يۇرۇڭقاش كۈرىدۇ قارا بۇلۇتنى،
زاۋالى كىلىدۇ ياز ،باھارىنىڭ.

بىلىمىز خوتەننىڭ بەشىنچى پەسلى،
نورمالغۇ ھەرقاچان توپا ياغىدۇ.
ۋە لېكىن قېلىنلاپ بارغاندا توپا،
نىمىنى كۆمەر دەپ يۈرەك ئاغىدۇ.

توپىدىن قاچمايدۇ جاھىل خوتەنلىك،
شۇ توپا بوراندىن ئامان قالارمۇ؟
قەدىمقى خوتەننىڭ رىۋايىتىنى،
بۇ قىسمەت قايتىدىن باشقا سالارمۇ؟

خوتەندە يەنىلا توپا ياغىدۇ،
كوھىقاپ ئاغزىنى ئاچىدۇ پات-پات.
شۇ توپا ئاستىدا خوتەنلىكلەر بار،
قان بىلەن،جان بىلەن كۆكلەر ئېتىقاد.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N