قارلىق كىچە

2015-03-24 13:47:27 -0400
قارلىق كىچە
قارا قىشنىڭ سۇغۇق شامىلىدا شاراقلاپ ۋەھىمىلىك ئاۋاز چىقىرىپ تۇرغان ئىگىز-پەس خادىلىق قەبرىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ توپىسى قۇرۇپ ئۆلگۈرمىگەن ئاددىغىنە بىر قەبرە ئالدىدا دەقىقە تۇرۇپ قالدىم. سوغۇق ھەدەپ كۈچىيىۋاتاتتى. ئاندا-ساندا تۇزۇپ تۇرغان قار ئۇچقۇنلىرى يۈزۈم، بۇيۇنلىرىمغا قۇنۇپ تىزلا ئىرىپ تۈگەيتتى. پەلتۇيۇمنىڭ ياقىسىنى كۈتىرىپ قۇيۇپ، قەبرىگە تىز چۆكتۈم، ئاندىن ئىككى قولۇمنى جۈپلەپ ئۈزەم بىلىدىغان ئايەتلەرنى پىچىرلاشقا باشلىدىم. قەبرىدە مەن تۇلىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغان، يۈرەك قېنىنى بىر ئۆمۈر بالىلىرى ئۈچۈن تۆكۈپ، يەنە شۇ بالىلىرى ئۈچۈن ۋاقىتسىز كۆز يۇمغان مىھرىبان بىر دادا مەڭگۈگە كۆز يۇمغانىدى. ئۇنىڭ كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ رۇستەمدەك چوڭ قىلغان شاپ بۇرۇت ئوغلىمۇ، يېشى بىر يەرگە بارغۇچە قۇچىقىدىن چۈشۈرمەي ئەركىلەتكەن شاھتاۋاردەك ئەتىۋارلىق قىزىمۇ دادىسىنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈش تۈگۈل، ئۇزاۋاتقان جىنازىغا ئېسىلىپ ۋاي دادام دەپ بىر ئېغىز قۇشاق قېتىشقىمۇ يارىمىغانىدى. ئازاپلىق ئەسلىمىلەردىن كۆڭلۈم بۇزۇلدى، كىرپىكىمگە ئېسىلىپ تۇرغان كۆز ياشلىرىمنى تەسلىكتە تۇسۇپ كۈل رەڭگىدە قارىيىپ تۇرغان ئاسمانغا قارىدىم.  ئاسمان مۇڭلىرىنى قارغا ئايلاندۇرۇپ زىمىنغا تۈكۈۋاتاتتى. زىمىن بۇ تەڭسىزلىكلەردىن ھۇشىنى يۇقاتقاندەك جىمجىت سۇزۇلۇپ ياتاتتى.
........................................................
نۇپۇسى ئاز، ئادەملىرى ئىناق بۇ قەدىمىي يېزىنىڭ سەھىرى تۇلىمۇ شاۋقۇن-سۈرەنلىك باشلىناتتى. تاڭ سۈزۈلمەستە پادىسىنى ھەيدەپ قۇمۇشلۇققا يول ئالغان كىچىك پادىچىلارنىڭ سەبىي ناخشىلىرى مەھەللە ئاسمىنىنى چاڭ كەلتۈرسە، ئىشىك ئالدى، يوللارنى سۈپۈرۋاتقان ياكى ئەپكىشىنى كۆتىرىپ سۇغا مېڭىشقان قىز چوكانلارنىڭ سالام-سائەت قىلىشقاچ قاقاقلاپ خەندان ئۇرۇشلىرى، جان ھەلەكچىلىكىدە پالاقلاۋاتقان تۇخۇ-كەپتەرلەرنىمۇ ئۈركىتىۋىتەتتى. كۈن تىكلەنمەستە مەھەللىدە يەنە بىر قېتىم چاڭ-تۇزان كۆتىرىلەتتى، توپ-توپ چارۋىلار، قۇلىغا بىردىن تاياق ئېلىۋالغان بالىلارنىڭ قىيا-چىيالىرى ئىچىدە ئۆي-ئۆيلەرگە ئاندىن قۇتانلارغا سۇلىناتتى. ئۇلار چوڭ چىنىلەرگە چىلانغان نانلىرىنى ئالدىراشلىق بىلەن يەپ، ئانىلىرى تىكىپ بەرگەن بوقچىلىرىنى ئېسىشىپ مەكتىپىگە يۈگىرىشەتتى. ھەر كۈنى مۇشۇ مەھەلدە قۇياش تۇلۇق كۆتىرىلىپ رەڭگارەڭ نۇر تالالىرى ياپيېشىل يۇپۇرماقلارنىڭ مەڭزىگە سۈيۈۋاتقاندا مەھەللىنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان ھەيۋەتلىك قورونىڭ ناۋاترەڭ سىرلانغان نەقىشلىق دەرۋازىسى غىچىلداپ ئېچىلىپ، بەستىلىك كەلگەن بىر ئادەم ئۇزۇن قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتقان ھالدا يېزا بازىرى تەرەپكە ماڭاتتى. قىرلاپ كىيىۋالغان بادام دوپپىسى، يېڭى قىسقا كىلىپ قېلىپ تۈرۈۋالغان ئاپئاق كۆينىكى، قارا كۆك ئىشتىنى، سەل سۈپىتىنى يۇقاتقان بولسىمۇ، تۈجۈپىلەپ مايلانغانلىقىدىن پاقىراپ تۇرىدىغان خروم بەتىنكىسى ئۇنى تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرسىتەتتى. ئوتتۇرا قولدەك ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ئاستىدىكى چوڭقۇرراق كەلگەن قوي كۆزلىرى ئۇنىڭ سەمىمىي، ھالاللىقىدىن دىرەك بەرگەندەك ھەمىشە كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى چوڭدىن-كىچىككىچە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېزىلىق دىھقانچىلىق ماشىنىلىرى پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىز ئاكا ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى ۋاقىتتىكى قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن باشقا يۇرتلۇق زىيالىلاردىن بولۇپ،يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئاتىدارچىلىقى،مەھەللە ئەزالىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئۆيلۈك بۇلۇپ قېلىشقانىدى.ئابلىز ئاكىنىڭ تەۋەللۇتى ئاپەتلىك يىللار بىلەن توغرا كىلىپ قالدى. ئۇ ئەقلىنى بىلگىنىدە ئاللىقاچان دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان،يەككە-يىگانە، يار-يۈلەكسىز ئانىسىنىڭ چىكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغانىدى.قاباھەتلىك كۈنلەر كەلمەسكە كىتىپ،ئانسىنىڭ يۆتكىلىش ئۇقتۇرىشى قۇلىغا بىرىلگەن بولسىمۇ،مەرھۇمنى بۇ يەردە يالغۇز تاشلاپ قۇيۇشقا كۆڭلى قىيماي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن خىزمىتىنى قىلىپ ئوغلى بىلەن مۇشۇ يۇرتتا يىلتىز تارتىپ قالغانىدى.ئابلىز ئاكا سەبىي چاغلىرىدا ساۋادىنى ئۇبدانلا چىقىرۋالغان بولسىمۇ  ئەمما ئۇقۇش پۇرسىتى كەلگەندە ئۇقۇشنى خالىمىدى. قىسقىسى ئانىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەنھا قېلىشىغا يۈرىكى چىدىمىدى. مۇنبەت ئېتىزلاردا قاپقارا ئىس چىقىرىپ، تاتاتلاپ يەر ئاغدۇرىدىغان ‹‹ئۆكتەبىر›› ماركىلىق تىراكتۇرنى ئۇ قاچان كۆردى، جاناننىڭ ۋەسۋەسىسىدەك ئوتتەك بىر ئىشتىياق ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى. ئۇنىڭ، بىر يىرىگە دەسسەپ رولىنى باشقۇرۇپ ئولتۇرسىلا نەچچە ئادەمنىڭ ئىشىنى بىردەمدە تۈگىتەلەيدىغان، يەم-خەشەك يىمەيدىغان بۇ تۈمۈر مەخلۇقنى تۇتۇپ باققۇسى، تاماكىنى ئۈزمەي چىكىدىغان قاپىقى يامان ئۇستامدىن قورقمىسا بىر ئادەم ئاران پاتىدىغان خروم ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغىسى كىلەتتى ئانا يىگىت يېشىغا يىتەي دەپ قالغان ئوغلىنىڭ كەتمەنگە باشلىق بۇلۇپ، تۆت مو يەرگە خۇجايىنلىق قىلىشىنى خالىمايتتى.ئۇ ئوغلىنى ئۇقۇشقا ماڭغۇزالماي ئاچچىقلاپ باقتى، يىغلاپمۇ يېتىۋالدى.كىچىكىدىن باشلاپ تۇلىمۇ رايىش چوڭ بولغان ئوغلىنىڭ نىمىشقا بۇنداق گەپ ئاڭلىماس بولۇپ قالغىنىغا ھەيرانمۇ قالدى. ئابلىز ئاكا يەر بېقىپ ئولتۇرۇپ كۆڭلىدىكى گىپىنى قىلغىنىدا مىيىغىدا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۇشۇق گەپ قىلمىدى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ كادىر سۈپەت بىر ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېتىزلىققا باردى. تىراكتۇر ئۇنى چاقىرۋاتقاندەك يەنىلا ئۈنلۈك ئاۋازدا تاتاتلاۋاتاتتى. ئۇ چىرايلىق پاخپاق ئىتىلگەن قىر بېشىدا تۇرۇپ قالدى.باشلاپ كەلگەن ھېلىقى ئادەم چىرايى مىستەك پاقىراپ تۇرىدىغان تىراكتۇرچى ئۇستىغا ئۇنى شەرەتلەپ بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى.
...................................................
تاختىدەك تۈزلەنگەن بىپايان ئېتىزلاردىن نەم تۇپا ھىدى كىلىپ تۇراتتى. پىشقەدەم ئۇستام قۇلىنى سۇۋۇتقان تىرىشچان شاگىرتىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا داق يەردىلا يانپاشلاپ يېتىپ، قاڭسىق تاماكىسىنى تۆت چاسا كىسىۋېلىنغان گىزىت قەغىزىگە ئاۋايلاپ تۈكۈپ مۇخۇركا ئوراۋاتاتتى. ئابلىز ئاكىنىڭ قاپقارا كۆزلىرى ئالدىغا تىكىلگەن، قول-پۇتلىرى تۈمۈر بۇقىنىڭ رول ۋە ماي،تۇرمۇزلىرىدا ئەپچىللىك بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ خېلىغىچە ئارزۇ-ئارمىنىنىڭ چاقماق تىزلىكىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا ئىشىنەلمەي يۈردى. بىر كۈن، ئىككى كۈن ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئۇستىسىنىڭ گاھى يۇمشاق، گاھى قاتتىق تەنبىھلىرى ئاستىدا بۇ ھۈنەرگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. ئوتتەك ئىنتىلىش، تىرىشچانلىقى ئاخىرى كۈچىنى كۆرسىتىپ بىر ئايدىن ئاشقاندا تۇنجى قېتىم رولنى مۇستەقىل باشقۇرۇپ باقتى. ئۇستىسى بەنزە، كۇلۇچ سېلىنغان ياغاچ ساندۇقتا ئۈن-تىن چىقارماي يېرىم كۈن ئولتۇردى. ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنىدى. ئۇ شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ، كاۋا بارىڭى ئاستىدا كەچلىك تاماققا خېمىر يۇغۇرۋاتقان ئانىسىغا تويماي قاراپ، خۇشاللىقىدا پىقىراپ كەتتى. ئانا شاتلاندى، مەرھۇمدىن يادىكار قالغان بىر تال ئوغلىنىڭ كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە يىگىت بولۇپ قالغىنىدىن سۈيۈندى. ئۇنىڭ گۆشلۈك كالپۇكلىرىنىڭ ئۈستى قارىداشقا باشلىغان، يۇمران مەڭزىدىكى سېرىق تۈكلەرنىڭ ئورنىغا كىگىزنىڭ قىلىدەك ساقال ئۆسۈشكە باشلىغانىدى. ئانا كۆڭلىگە تاتلىق خىياللارنى پۈكتى، نىمىگىدۇر ئالدىرىدى. كۆپكۆك ئاسماندا قۇياش سۇغۇق نۇرلىرىنى چېچىپ تۇرغان بىر قىش كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئاددىغىنە ئۆيىدە توي بولدى. مەھەللىدىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق پاختىلىق چاپانلىرىنىڭ تۈگمىسىنى مەھكەم ئىتىپ ھويلا تېمىغا ئۇلاشتۇرۇپ قۇيۇلغان ياغاچ كارىۋاتلاردا پۇتلىرىنى ساڭگىلىتىشىپ قاتارى ئولتۇراتتى، قايسىبىرلىرى قۇيۇق ھور كۆتىرىلىپ تۇرغان تاۋاقلارنى ئالدىراش ئۆيگە تۇشۇسا، يەنە بىرلىرى تويغا كەلگەن مىھمانلارنى كۈتۈش، قولىغا سۇ بىرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
........................................................
  تال باراڭدا سانجاق-سانجاق ئېسىلىپ تۇرغان ئۈزۈملەر كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇراتتى. كۈنگۈرە تامغا قويۇلغان ساپال تەشتەكلەردىكى ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەردىن ئەتىرنىڭ ھىدى كىلەتتى.چاقچۇق چاپلانغان تامغا يۈلىنىپ، مودەن نۇسخىلىق خۇتەن گىلىمى سېلىنغان كارىۋاتتا يالىڭاچ پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتۇرغان بىر قىز تىلىفۇن تروپكىسىدىن سەل كىچىكرەك كەلگەن قاپقارا يانفۇنىنى قۇلىقىغا قىستۇرۇپ كىمدۇر بىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ سارغۇچ كىرپىكلىك قوي كۆزلىرى خۇدۈكسىرىگەندەك دەممۇ-دەم ھويلا ئىشىكىگە باقاتتى. ئۇ ئاخىرقى گەپلىرىنى پەس ئاۋازدا دەپ تۈگەتكەندىن كىيىن، يالىڭاياق پېتى كارىۋاتتىن چۈشۈپ تۆت باسقۇچلۇق پەلەمپەيگە پۇتىنى ئالدى.دېرىزىسىگە مېغىزرەڭ پەردە تارتىلغان كارىدۇردا سۇس قاراڭغۇلۇق يېيىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھېچنىمىنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ ئۇتتۇرلا ئاتا-ئانىسى يېتىپ قۇپىدىغان ئۆيگە كىردى. ئالدى تەرىپىگە نىپىز سېرىق تۈمۈردىن نەقىش چىقىرىلىپ رەڭلىك كۆز قۇيۇلغان يۇغان ساندۇقلارنىڭ ئۈستىدىكى دەستە-دەستە يوتقان-كۆرپىلەر ئۇنى بىر ھازا توختىتىپ قويدى. ئۇ ئالىقىنىنى كۆكرىكىگە قۇيۇپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن، چاققانلىق بىلەن يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ پېتىنى بۇزماي پەسكە ئېلىشقا باشلىدى.ئاقىرىپ تۇرغان تۆت تام ئۇنىڭغا تۆت جۈپ كۆزدەك بىلىنىپ ۋۇجۇدىنى تىترەك باستى. خېلىدىن بىرى ئىچىدە ئەلەڭلەپ يۈرگەن گۇناھكارلاچە بىر تۇيغۇ يۈرىكىنى قۇرتتەك چېقىپ تۇرسىمۇ، ئۈزى تاللىغان بۇ يولدىن قايتقۇسى كەلمەي يەنىلا ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى.
قىز ئىشىنى تۈگىتىپ ھويلىغا چىقتى. ئاندىن تۇرۇبا جۆمىكىنى ئېچىپ بېشىنى مۇزدەك سۇغا تۇتۇپ ئۇزۇنغىچە تۇردى. ئۇ ئانىسىغا قىيالمايتتى، دادىسىنىڭ ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ئاستىدىكى مىھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى تېخىمۇ ئۇنتىيالمايتتى. خاتا بېسىلغان قەدىمىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىنى بىر ئاماللار بىلەن تۈزىتىشكە بۇلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، قۇرسىقىدىكى تۈرەلمىنىڭ دادىسى بولمىش ئاقپىشماق يىگىتىدىن ئايرىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بەختسىزلىك ئىدى. يىگىت ئۇنى ساقلاۋاتاتتى، ئەگەر ئۇ سەللا كىچىكسە بۇ پۇرسەت ئۇنىڭغا قايتا نىسىپ بولمايتتى. ھۆكۈمەتنىڭ تۈمۈر دەپتىرىدە ئىسمى بار توي قىلمىغان بىر قىزنىڭ تۇغۇت بۈلىمىدە چاترىقىنى كىرىپ يېتىپ بالا ئالدۇرۇشنىڭ ئازابىنى ئۇ ئۇبدان بىلەتتى. ئۇ تۇنجى قېتىملىق ئوپىراتسىيىنى، قۇلىغا رىزىنكە پەلەي كىيىپ، ھارارەڭ ماسكا تاقىۋالغان ئەر دوختۇرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تىنى ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ نۇمۇسسسىزلىقىنى ئانىسى سىزىپ قېلىپ، نەچچە كۈن يىغلىغانىدى. ئانا قىزىنى ئاياپ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇرمالسىز روھىي ھالىتى خىزمەتداشلىرىنىڭ گومانىنى قوزغاپ بىر مۇنچە مىش-مىش پاراڭلارغا تۇترۇق بولغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىش يەنە يۈز بەردى. قىزنىڭ تىلىفۇنى سايرىدى. ئۇ خىياللىرىغا خاتىمە بىرىپ كىيىم-كىچىكى قاچىلانغان سومكىسىنى ئالدى،دە- ئۆيگە ئاخىرقى قېتىم نەزەر تاشلاپ چىقىپ كەتتى.
..........................................................
نىپىز جىلتىسىدىن قىيمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان پىتىر مانتا تۇلىمۇ ئوخشىغانىدى. ئابلىز ئاكا تەڭشەلگەن لازا قىيامىغا مانتىدىن بىرنى چۈكۈرۋېتىپ ئىختىيارسىز دەرۋازىغا بۇيۇنداپ قارىدى. ئۇنىڭ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا سىستىرا بولۇپ ئىشلەيدىغان قىزىنى كۆرمىگىنىگە ھەپتىدىن ئاشقانىدى. ئوغلى بىچارىمۇ ئەتىگەن ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلغىلى چىقىپ كەتسە، ئەلياتقۇدا ئۆيگە ئاران كىلەتتى. بىر كۈنلۈك تامىقىنى ئاساسەن سىرتتا يەپ، قارا قازاننىڭ چېيىنى ئىچىپ يۈرىدىغان بالىلىرى شۇ تاپتا يېنىدا بولسا ئىدى،تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشىپ قۇرساقنى بىرگە توقلىماسمىدى؟ ئۇ ئولۇغ-كىچىك تىنپ قۇيۇپ پىيالىگە چاي قۇيۇۋاتقان ئايالىغا قارىدى. ئايالى جىممىدە ئۈزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۆزى بىلەن ئوخشاشلا بىر ئوتنىڭ ئىچىدە كۈيۈۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۇبدان بىلەتتى. رەھمەتلىك ئانىسى بىر قوللۇق تاللاپ تۇيىنى قىلىپ قويغان بۇ ۋاپادار ئايال تاكى ئىرىنىڭ خىزمىتى رەسمىيلىشىپ، ئىككى بالىسى قاتارغا قۇشۇلغىچە نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى. بىجىرىم ئەرلەردىن قېلىشماي نەچچە مو يەرنىڭ ھۆددىسىدىن يالغۇز چىقىپ،.قىزىنى تېخنىكۇمدا، ئوغلىنى شوپۇرلۇقتا ئۇقۇتتى. مانا ئەمدى قىزى ھەممە ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىگە، ئوغلى نەچچە تۈمەنلىك ماشىنىنىڭ كاتتا شوپۇرىغا ئايلىنىپ بىر ئۆينىڭ جاپاسىنى قۇلىغا ئالغۇدەك بۇلىۋىدى، ئۇھ دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي تېخىمۇ شۈكلەپ كەتتى. قىزى ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئاز قالغاندا شاپاققا تېيىلىپ بىر مۇنچە پۇل خەجلەش ھىساۋىغا دىپلوم ۋە خىزمەتكە ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئىىكى يىل بولماستا داۋالاش ھادىسىسى سادىر قىلىش تۈپەيلى قوغلاندى قىلىنغىلى تاس قالدى. ئۇلار يەنە يانچۇق كولاشتى، كىچىلىرى كىملەرنىڭدۇ يول باشلىشى ئاستىدا ئاللىكىملەرنىڭ ئىشىكلىرىنى چىكىشىپ، بۇسۇغىسىدا نەچچە سائەتلەپ كۈتۈشتى.ئاخىرقى ھىساپتا مائاشىنى توختىتىپ بىر يىللىق سىناق ئىشلىتىش بىلەن خىزمىتى ساقلاپ قېلىندى.دادا ئۈكۈندى، ئانا ياش تۆكتى. قىزىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي بۇرۇنراق ياتلىق قىلىۋەتمىگىنىگە پۇشايمانمۇ قىلىشتى.تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۈتىۋاتقان چاغلىرىدىمۇ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان قىزىنىڭ يەنىلا بۇيۇن قىسىپ قالماسلىقى ئۈچۈن خەجىنى دىگىنىدىن ئاشۇرۇپراق بەردى ھەتتا كىشىلەر قىزىقىش ۋە ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغان چاقىرغۇ،يانغۇنلارنىمۇ كەم قىلمىدى.تېزىنى باسسا مېزى دىگەندەك ئوغلىنىڭ قىلىقىمۇ ئاچىسىنىڭكىدىن قېلىشمىدى.شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى قۇلىغا ئېلىپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيلەشنىڭ غېمىدە خەقلەرنىڭ كىگىزىدىن قىل تىرىپ يۈرىۋاتقىنىدا ئۇ ھەممىنى ياققا چىقىرىپ گاز تۇڭىدەك دىقماق، قاشلىرى قىشى-ياز ئوسما قويغاندەك كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىلىشمىگەنلا بىر خۇتۇننى ئالغىنىم ئالغان دەپ دۇلىسىنى چىقىرىپ تۇرۇۋالدى.ئوغلىغا يالۋۇرۇشمۇ، دۈشكەللەشمۇ كار قىلمىدى.ئۇ خۇتۇننىڭ كۈپۈپ تۇرغان قۇرسىقىغا قارىغاندىمۇ ئېلىپ بەرمەي قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى.ھەشەمەتسىزلا ئۆتكۈزۈلگەن توينىڭ ئالدى-كەينى ئۇنتۇلماي تۇرۇپلا دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەتلىمە گۆش، قازىنىڭ بۇيرىقىدەك مۇمىسىنىڭ قۇچىقىغا تاشلىنىپ ئانامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ كىلىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئانىسىدىن شۇ ئايرىلغانچە ئايرىلىپ قالدى. ئوغلىنىڭ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ دىيىشىچە ئۇلار خەتنى يىرىپ ئاجرىشىپ كەتكەنمىش. دادا ئىنچىكىلەپ سورىمىغىنى بىلەن توينىڭ ئالدىدا يەر يىلىمىدەك ئوغلىغا چاپلىشىپ، سۇڭدىشىپ يۈرگەن ئۇ ھاياسىز خۇتۇننىڭ،گۈدەك ئىرىنىڭ پىشىنى ئۇنداق ئاسان قۇيىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ماشىنىنىڭ كۈندىلىك كىرىم-چىقىمىنى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئۇغۇل يېقىننىڭ ياقى ئۆزىنىمۇ تۈزۈك كۆرسەتمەس بولۇپ قالغانىدى. ئۇ دادىسىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا مۈجمەللا جاۋاپ بىرىپ، گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋالاتتى.دادا كىچىكلا تۇرۇپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقىنى تېتىغان ئوغلىنى يەنە قىيناشنى خالىماي مەيلىگە قۇيۇپ بەردى. شالتىقىنى ئادالاپ ئۇ خۇتۇندىن تەلتۈكۈس قۇتۇلىدىغان ئىش بولسا بىر-ئىككى ئاي ئۆيگە پۇل ئەكەلمىگىنىگە ھىچنىمە بولماس دەپ ئويلىدى ئەپۇچان دادا.
ئۇ قىزىدىن بەكرەك ۋايىم يەيتتى. ئۆزلىرىگە چۈشىدىغانراق يەردىن ئەلچى كىلىپ قالسا بۇ يىلنى ئۆتكۈزمەي تۇيىنى قىلىۋېتىشنىمۇ ئويلاپ قويغانىدى. قىزىنىڭ كۆڭلىدە نىمە جىن بار، بۇنى بىلىشكە يەنىلا ئانىسى مۇۋاپىق ئىدى.ئۇلار قانچە تەقەززا بولغانسىرى قىزى يەر يۇتۇپ كەتكەندەك ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر كىلىپ خوش دىمەي كىتىپ قالغانچە پەيدا بولمايۋاتاتتى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. نەچچە كۈندىن بىرى ئېچىلمايۋاتقان يانفۇننى قىزى بىلەن قۇشۇپ تىللىغاچ، مىھمانخانا ئۈيىگە قۇيۇلغان تىلىفۇننىڭ چوڭ-چوڭ رەقەملىرىنى ئالدىراپ باستى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئاخىرى جايىغا چۈشتى. تۇت-تۇت قىلغان يېقىمسىز ئاۋاز ناخشىدەك تۇيۇلۇپ تىروپكىنى قۇلىقىغا مەھكەم چاپلىدى. ئۇ قىزى بىلەن بىر نەچچە مىنۇت پاراڭلاشتى. قىزىنىڭ ناھايىتى تۇيۇقسىزلا ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا نەچچە ھەپتىلىك كاماندىروپىغا كىتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ غەلىتىلىك ھىس قىلدى. قىزى ئالدىراشلىقىنى، زۆرۈر ئىش بولسا ئۆزى تىلىفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالدىراشلا قۇيىۋەتتى. ئۇ كەچ كىرگىچە كارىۋاتتىن قوپماي ئولتۇرۇپ بالىلىرىنىڭ ئەتىكى تەقدىرى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە خىيال سۈردى.
.........................................................
ئابلىز ئاكا قاق سەھەردە ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان ئىككى يىگىتنىڭ قىسقىغىنە كىلىش مۇددىئاسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۆكسىنى چاڭگاللاپ دوققىدە ئولتۇرۇپ قالدى. يۈرىكى تۇلىمۇ يېقىمسىز غەلىتە بىر ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئارامسىزلىنىپ، ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ ماجالى يەتمىدى.ئىككى ساقچى ئۇنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇ كۆزلىرىنى يىغلامسىراپ تۇرغان ئايالىغا تىكىپ پۇتلىرىنى ھەركەتلەندۈردى. ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ كاللىسىدا ئوخشاش بىر خىيال كىزىپ يۈرەتتى. ساقچىلارنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راست بولماسلىقىنى، ئوغلىنى قاپقارا دەرۋازا ئىچىدە كۆرۈپ قالماسلىقنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكى ئاساسەن كاردىن چىققان جىگەررەڭ ماشىنىنىڭ ساڭگىلاپ قالغان  نۇمۇر تاختىسى ئۇنىڭغا ئەزرائىلدەك كۆرۈنۈپ يەنە بىر قېتىم سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.ئۇنىڭ ئوغلى ئىچ-قارنى چۇۋۇلۇپ روھىي كۆككە پەرۋاز قىلغۇچە ئاتا-ئانىسىنى بىرەر قېتىم ئەسلەپ ئۈلگۈرەلگەنمىدۇ؟ ئۇ ئالدىغا يۈگۈردى. ئوغلىنىڭ تىنىنىڭ بىرەر ئەزاسىنىڭ پارچىسىنى، كۆينىكىنىڭ بىر يېڭىنى بولسىمۇ تېپىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا ئىنتىلدى. ئۇنى، ئۈيىگە خەۋەر ئېلىپ بارغان قامەتلىك ساقچى يىگىت تۇتىۋېلىپ. ئوغلىنىڭ مۆجىزىدەكلا ساق قالغانلىقىنى، ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ توختىتىۋالدى. ئۇ ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا باشلاپ ئاپارماي بۇ يەردە جۇلىقى چىققان ماشىنىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇرغان ساقچى يىگىتكە ئاغرىنغاندەك قاراپ قويدى.ئۇلار، يۈز-كۆزلىرى ئاپئاق داكا بىلەن ئۇرۇۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ كۆزىنىلا كۆردى. تۈمۈر جازىغا ئېسىلغان ئاسما ئۇكۇل بىرتامچە-بىر تامچىدىن ئۇنىڭ تۇمۇرىغا سىڭىۋاتاتتى. ئوغلىنىڭ قۇلى رولغا قىسىلىپ قېلىپ سۇنغان، ماشىنا ئەينىكى يۈزىنى قىسمەن بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ساق ئىدى. ئۇ ئايالىنى دوختۇرخانىدا قالدۇرۇپ ساقچىغا ئەگەشتى.ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ ساقچىنىڭ بايانىنى قايتا تۇلۇقى بىلەن ئاڭلىدى.ئوغلى ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدىگەن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماشىنىدا ئولتۇرغان بىر قىز نەقمەيداندىلا جان ئۈزگەنىدى. ئۇ دوختۇرخانا، سوت، ج خ ئىدارىسى ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرۈپ ھالىدىن كىتەي دەپ قالدى.
ئۇلار ئۈيىگە كەلدى. ئەترەڭ گىرىس ياغلىقىنى ئىڭىكىدىن چىگىۋالغان ئايالىنىڭ كۆزلىرى نەچچە كۈندىلا ئولتۇرۇشۇپ نۇرىنى يۇقاتقان، كۆز قۇيرۇقى ئەتراپىدىكى قۇرۇقلار بىردىنلا كۆپۈيۈپ قالغانىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمەي سېرىق ساندۇقنى ئېچىشقا تەمشەلدى. ئابلىز ئاكا ئايىقىنى سېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ يوتقان-كۆرپىلەرنى پەسكە قالايمىقان تاشلاپ ساندۇقنىڭ ئاغزىنى يۇقىرىغا كۈتۈردى. ئايالى چەك ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان ئاياقنىڭ قەغەز كۇرۇپكىسىنى ساندۇقتىن چىقاردى. قەغەز كورۇپكا ئاختۇرۇلغاندەك قىلاتتى. ئۇلار جىددىيلىشىپ تۇرغىنىدا چىرايلىق قاتلانغان ئىككىلىك خەت ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى:
‹‹دادا، ئانا. بىر ئىشنى سىلەرگە ئېيتىشقا پېتىنالماي بۇ خەتنى قالدۇرۇپ قويدۇم. مەن ئەمدى دوختۇرخانىدا ھەم بۇ يۇرتتا تۇرالمايمەن. مەن مىنى ئېلىشقا ۋەدە قىلغان يىگىت بىلەن يىراقلارغا كىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم. تويلۇقۇمنى ئۆزۈم ئېلىپ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە چاكار بولۇپ ئىشلەشنى خالىساممۇ ماڭا قېيىنئانا بولغۇچى مىنى مەڭگۈ قۇبۇل قىلمايدۇ. مەن خالىغان يىگىت دەل مەن ئۇكۇلنى خاتا ئۇرۇپ جېنىغا زامىن بولغان قىزنىڭ ئاكىسى  بۇلىدۇ. ئۇ بىر لۈكچەك.ھەم قۇرسىقىمدا ئۇنىڭ بالىسى بار. مەن قورقتۇم، ئۇنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان بىر كۈنۈم خاتىرجەم ئۆتۈپ باقمىدى. دىگىنىگە كۆنمىسەم شەرمىساز بۇلۇپ كۆزۈم يۇمۇلغىچە باش كۆتىرەلمەيمەن. نۇمۇسۇڭلارنى بولغىدىم، مەن ۋاپاسىز قىزىڭلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭلار، يەنە بىر گەپ ئانامنىڭ زەنجىرى بىلەن 30 مىڭ يۈەننىڭ چېكىنى ئېلىپ كەتتىم. بۇنداق كۈنگە قالغىچە ماشىنىڭ چاقى ئاستىدا قالغان بولسام يۈزۈم يۇرۇق كەتكەن بۇلاتتىم. بىتەلەي قىزىڭلاردىن››...دادا يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلغان قاپاق تىرەكتەك گۈپپىدە ئۆرۈلۈپ كەتتى.
.........................................................
كەچكۈزنىڭ سوغۇق شاماللىرى دەرەخنىڭ ئۇچىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى يۇپۇرماقلىرىنىمۇ ئۇچۇرۇپ، قەھرىتان قىشنى چىللاۋاتاتتى. دادا شۇ يېقىلغان پېتى ئۇزۇنغىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئۇ ئايالىنىڭ ياش قۇرۇمايدىغان كۆزلىرىگە قاراشتىنمۇ خۇدۈكسىرەپ، بورىسى ساغىرىپ كەتكەن تۇرۇسقا قاراپ ياتاتتى. ئۆز ۋاقتىدىلا جىگدە چىچىكى پۇراپ قالغان قىزىنى خىزمەتكە چۈشىشى بىلەن بۇسۇغىسىنى تىشىۋىتەي دەپ قالغانلارنىڭ بىرسىگە بىرىۋەتكەن بولسا، تەپتارتماي ئىشەك سۈيدىكى ئىچىپ دادىسىنىڭ ئايىقىغا ياندۇرغان بۇرۇتى خەت تارتمىغان، ئىڭىكىگە ئۇستۇرا تەگمىگەن سويمىنىڭ كاچىتىغا ئىككىنى سېلىپ ئادەم بۇلۇشنىڭ يۇلى ماۋۇ ئىدى دەپ كۆرسىتىپ بىرەلىگەن بولسا بۈگۈنكىدەك دىشۋارچىلىق تارتىپ ئاتا مىراس زىمىنىدىن ئايرىلماس بولغىيدى بەلكىم. ئۇ كۈنبۇيى شۇنداق خىياللاردىن قۇتۇلالمايتتى.قىلغان قايسىبىر گۇناھلىرىغا پۈشتىدىن شۇ قەدەر يارامسىز بالا تەككۈرلەرنىڭ تۆرىلىپ قالغانلىقىغا ئۆزىنى ئىشەندۈرەلمەي قىينىلاتتى. ئۇ بۈگۈن دېرىزىدىن لەپىلدپ چۈشۈۋاتقان قارنى كۆرۈپ ياتقان يېرىدىن ئۆرە بولدى ئاندىن كونىراپ قالغان چاپىنىنى دۇلىسىغا ئارتىۋېلىپ ساپما كەشى بىلەنلا سىرتقا چىقتى. ئەتراپ قار بىلەن چۈمكەلگەن، يوللار، ئېتىزلىقلار ئانىسىنىڭ لىچىكىدەك ئاقىرىپ كۈرىنەتتى. ئۇ تۇرىۋەرگەنمۇ بۇلاتتى، ئايالىنىڭ قولتۇقىغا بىر باغلام كىۋەز شادىسى ۋە پۇرلىشىپ كۆيگىچىلىكى قالمىغان يۇلغۇن ئوتۇنىنى قۇلتۇقلاپ ئارقىدىن چىقىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۆيۋاقىسىنى ساتقان پۇل ئۆلگۈچىنىڭ تۈلىمىگە چىقىشماي مائاش كارتىسىنى بانكىغا قۇيۇپ قەرز ئالغانىدى. پاسار قالاپ قىشنى چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟ ئۆيدىكى كىچىككىنە نەۋرە ۋە ئەر-خۇتۇن ئىككىسىنىڭ غېمى ئۈچۈن ئاز-تۇلا مىدىرلاش كىرەك. ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىردى، كىيىمىنى يىڭىۋاشتىن كىيىپ، ئايىقىنىڭ بوغقۇچىنى مەھكەم چەگدى. باشمالتاق چوڭلىقىدىكى ياپىلاق دورا قۇتىسىنى قۇيۇن يانچۇقىغا سېلىپ، گۈللۈك داستىخانغا بىر نەچچە نان ئورىدى. ئايالىنىڭ توسقىنىغا قارىماي خوشنىسىنىڭ قارا ھاڭگىسىنى تىلەپ پالتىسىنى بىلىگە قىستۇرغان پېتى كىچىكىدە قوي باقىدىغان جاڭگال تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. قار بارغانچە ئەدىمەكتە ئىدى. تۈنۈگۈن ئاشۋاقتى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر كەلمەسلىكى ئايالنى تەشۋىشكە سالدى. ئۇ ھېلىدىن-ھېلىغا چىقىپ ئىرى كەتكەن يالغۇز ئاياق يولغا كۆزلىرى تىشىلگىچە قارايتتى. قارلىق گۇگۇم زىمىننى ئۆز قوينىغا چىللاۋاتقان پەيتتە ئىشەكنىڭ سۇزۇپ ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئايال ئالدىراپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى. قارا ھاڭگا قۇرۇق ھارۋىنى سۆرىگەن پېتى ئىگىسىنىڭ تىزراق چىقىپ ئەكىرىپ كىتىشىنى ئۈمىت قىلغاندەك قېلىن كالپۇكلىرىنى ئۆرۈپ توختىماي ھاڭراۋاتاتتى.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N