سەنسىز قالغان مۇھەببەت

2015-03-25 11:26:57 -0400
قۇشلار قونغان مەجنۇنتالدەك،

مەيلىم بىلەن كەلدىم جانان.

دەردىڭ قويدى مېنى يالغۇز،

دىدارىڭنى كۆرەي قاچان؟


كۆز ئالدىمدا گۈزەل ھۆسنۈڭ،

ھىلال ئايدەك كۆردۈم سېنى.

ئاھ،ھەسرىتا، يۈردۈم سەرسان.

ھىجرانىڭدا غازاڭ كەبى.


ۋىسال تاپماي ئۆتتى يىللار،

پىغانىڭدا چەكتىم ھەسرەت.

سېغىنىشتا كۆكلەر ھامان،

سەنسىز قالغان شۇ مۇھەببەت.
«Newer      Older»

----Comments(1)----
بەس بەس (@basbas) | @ at 2015-03-25 20:23:
ئېزىزجان ما ئۇسلۇپ بۇپ قۇيدىكەن مەنمۇ سىلنىڭكىدەك قىلاي قىلشىپ بىرىڭلا
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N