چىڭقى چۈش

2015-03-25 11:30:28 -0400
چىڭقى چۈش


نېمە بار ھاياتنىڭ پىيالىسىدە،
دېڭىزدەك چايقىلىپ تۇرار چىڭقى چۈش.
كۆرگۈنۈم سەھەرنىڭ دېرىزىسىدە،
ھەسرەتنىڭ باغرىدىن ئۇچۇپ چىققان قۇش.

تۆكۈلدى خىيالنىڭ ياپرىقى رەت-رەت،
بىر ئوتتا گۈركىرەپ كۆيمەكتە چۆللەر.
ئۆزىگە تىنىمسىز تۇراتتى سۆزلەپ،
تۇمۇزغا تاشلىنىپ ياتقان چىمەنلەر.

گوياكى مېھىردەك ئىسسىغان تۇپراق،
سايىلەر قىسقىراپ بارار دەممۇ-دەم.
مىسكىن شۇ تاشلاردىن ئۆرلەيدۇ پىراق،
گۈللەردەك تۇزىدى ئاخىرقى قەدەم.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N